16 كىم يامانلىق قىلسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا. كىم زۇلۇم سالسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا.
لېكىن پادىشاھ بۇ سۇيىقەستنى بىلگەندىن كېيىن، پەرمان چۈشۈرۈپ، ھاموننىڭ يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش رەزىل سۇيىقەستىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى خادىغا سانجىتتى.
ئۇ قان تۆككەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى چوقۇم جازالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاتام داۋۇتنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدىن ھەققانىي ۋە ياخشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەھۇدىيەنىڭ باش سەركەردىسى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن.
قارا مانا، غۇلاپ چۈشتى يامانلىق قىلغۇچىلار، يىقىتىلدى، ئەمدى تۇرالماس ئۇلار.
پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.
مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۆزى سائۇلنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ياكى ئۇنىڭ كۈنى توشۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ياكى جەڭدە ھالاك بولىدۇ.
داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەبىياتارغا: _ روھانىيلىق پەرتۇقىنى ئەكەلگىن، _ دېدى.
رەزىل پىلان تۈزۈشەر ياتقاندىمۇ كېچىلىرى، ئاتقاندۇر گۇناھ يولىغا ئۆزلىرىنى، ھېچقاچان رەت قىلماس يامانلىقنى.
سەن ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار: ‹سەن ئادەم ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يېرىنىمۇ تارتىۋالامسەن؟› دەيدۇ، دېگىن». ئۇنىڭغا يەنە: «پەرۋەردىگار: ‹ئىتلار نابوتنىڭ قېنىنى قەيەردە يالىغان بولسا، سېنىڭ قېنىڭنىمۇ شۇ يەردە يالايدۇ!› دەيدۇ، دېگىن».
شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.
مەن كۆردۈمكى، كىم بالا تېرىسا بالا شۇنىڭ بېشىغا كېلىدىكەن، زەھەرلىك ئۇرۇق تېرىغانلار زەھەرلىك ھوسۇل ئالىدىكەن.
ھۆكۈمى بىلەن تونۇتتى ئۆزىنى پەرۋەردىگار، يامانلىقلىرى بىلەن چۈشىلىپ قالدى يامانلار. خىگگائون سېلاھ
تۇيۇقسىز بالا كەلگەي ئۇلارنىڭ باشلىرىغا، يۆگىشىپ قالسۇن ئۆزلىرى قۇرغان تورىغا، ھالاك بولسۇن چۈشۈپ ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا.
ئىشەنچىم كامىل خۇدا، ئىشەنچىم كامىل ساڭا، شۇڭا مەدھىيە ئوقۇپ ئېيتىمەن ساڭا ناخشا.
رەزىللەر چۈشسۇن ئۆزى قۇرغان تۇزاققا، مەن ئۆتۈپ كېتەي ئۇ خەتەردىن دائىما.
ھارام مال-دۇنياغا ھېرىس ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئالىدۇ بۇ ھارام مال-دۇنيا ئۇلارنىڭ جېنىنى.
كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر، ئۆزگىگە دومىلاتقان تاش ئۆزىگە قايتار.
كىم ئورا كولىسا ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ، كىم تامنى يىقىتسا ئۇنى يىلان چاقىدۇ.