12 ئەگەر تاشلىمىسا ئىنسان يامان يولىنى، بىلەپ ئۇ قىلىچىنى، بەتلەپ قۇيار يا ئوقىنى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇنداق قىلغاندا، خۇدا گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ئىسرائىل خەلقى، مەن ھەربىرىڭلارنى قىلمىشلىرىڭلارغا لايىق جازالايمەن! گۇناھىڭلارنىڭ سىلەرنى نابۇت قىلماسلىقى ئۈچۈن، توۋا قىلىپ، گۇناھلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈڭلار.
مەن پارقىراق قىلىچىمنى بىلەپ ئىتتىكلىتىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئادالەتنى ئورنىتىمەن. دۈشمەندىن قىساس ئالىمەن، ماڭا نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ نەپرىتىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرىمەن.
بىزگە نىجاتلىق بېرىپ كەلگەن ئى خۇدا، بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بېرىپ، ئالغىن بىزنى قايتىدىن ئۆز مېھرىڭنىڭ قوينىغا.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رەزىللەرنىڭ ھالاكىتىدىن خۇرسەن بولمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالايمەن. ئەي ئىسرائىل خەلقى، يېنىڭلار، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسىلەر؟
لېكىن يېرۇسالېملىقلار بابىل پادىشاھىنىڭ سالغان پالىغا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بابىل پادىشاھىغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ قەسەم ئىچىشكەنىدى. لېكىن بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئىسيانكارلىقىنى يۈزىگە سېلىپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ.
پەرۋەردىگار: «مېنىڭ قىلىچىم ئاسماندىكى سوراقنى تۈگىتىپ، ئاندىن، مەن تەلتۆكۈس يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدومغا چۈشىدۇ» دېدى.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن يۈگۈرۈك يۆگىمەچ يىلان لىۋياتاننى جازالايدۇ. ئۇ، قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ.
سەن ھەققانىيلارنى گۇناھكارلار بىلەن بىرگە يوقاتمايسەنغۇ، ئۇنداق قىلماسسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ، ھەققانىيلار گۇناھكارلار بىلەن تەڭ جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ مۇمكىنمۇ؟ سەن پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسى تۇرساڭ، جەزمەن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن! _ دېدى.
سوراق قىلىپ يات ئەللەرنى، ھالاك قىلدىڭ رەزىل خەلقلەرنى، ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مەڭگۈگە ناملىرىنى.
ئادالەتلىك، ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار، رەزىللەرنىڭ ئاسارىتىنى ئۇ سۇندۇرار.