5 ئى خۇدا، نادانلىقىم ساڭا ئايان، مېنىڭ يەنە قەبىھلىكلىرىم _ يوشۇرۇن ئەمەس، ساڭا ئايان.
ئى رەببىم، ئارزۇلىرىم ئاياندۇر ساڭا، ئاھ ئۇرۇشۇم يوشۇرۇن ئەمەستۇر ساڭا.
چۈنكى مەن خەلقىم قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ رەزىل يوللىرى ماڭا يوشۇرۇن ئەمەس، ئۇلار گۇناھلىرىنى مەندىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
يىرىڭلاپ سېسىپ كەتتى جاراھىتىم، سەۋەب بولدى بۇنىڭغا نادانلىقىم.
كىم بىلىپ يېتەلىسۇن ئۆزى قىلغان خاتالىقلىرىنى، بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن پاكلىغىن مېنى.
سىناپ مېنىڭ قەلبىمنى، كۆزىتىپ كېچىدە خىيالىمنى، تەكشۈرۈپ باققان بولساڭمۇ مېنى، تاپالمىدىڭ ھېچبىر نۇقساننى. چىڭ يۇماي، دەپ ئويلىدىم ئاغزىمنى.
زاڭلىق قىلىپ كۈلمىسۇن ماڭا سەۋەبسىزلا رەقىب بولغانلار، كۆزلىرىنى ئالايتمىسۇن ماڭا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قالغانلار.