4 چېچىمدىن كۆپتۇر مېنىڭ، سەۋەبسىز ماڭا ئۆچلەر. قارا چاپلار ماڭا ئۇلار، مېنى يوقاتماقچى بولغانلار _ مەندىن كۈچلۈك دۈشمەنلەر. مەن بۇلىمىغان نەرسىنى، قايتۇرۇپ بەر، دەيدۇ ئۇلار.
لېكىن بۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
زاڭلىق قىلىپ كۈلمىسۇن ماڭا سەۋەبسىزلا رەقىب بولغانلار، كۆزلىرىنى ئالايتمىسۇن ماڭا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قالغانلار.
خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.
چىرمىۋالدى ھەددى-ھېسابسىز كۈلپەتلەر مېنى، كور بولدۇم، گۇناھلىرىم توسۇۋالغاچ كۆز نۇرۇمنى. بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ بولغاچقا گۇناھلىرىم، تەرك ئەتتى جىسمىمدىن جاسارىتىمنى.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.
مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز چىقمىغان.»
جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئۇلار پايلاپ يۈرمەكتە، نە جىنايەت، نە گۇناھلار بولسۇن مېنىڭدە. ۋەھشىيلەر بىرلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلماقتا، ھېچ يامانلىق قىلمىساممۇ ئۇلارغا. ئۇلار تەييار بولماقتا ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا، كەلگىن ماڭا ياردەم بېرىشكە، نەزەر سېلىپ مېنىڭ ئۇشبۇ ھالىمغا.
ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.
كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى دەرد-ئەلەمدىن، ئاجىزلاشتى كۆزلىرىم دۈشمەنلىرىم دەستىدىن.