3 پەرياد چېكىپ ھالىم كەتتى، گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى، تەلمۈرۈپ خۇدايىمغا كۆزۈمنىڭ نۇرى كەتتى.
ھېچ مادارىم قالمىدى نالە-پەرياد قىلىپ ساڭا، كۆز يېشىم دەريا بولۇر ھەر كېچىسى ئورنۇمدا.
مەن خۇددى قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك نالە قىلدىم، خۇددى كەپتەردەك گۇڭۇلدىدىم. ئاسمانغا تىكىلىپ كۆزلىرىم تالدى، مەن مۈشكۈللۈكتە قالدىم، ئى پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزغايسەن!›
كۆزلىرىم تالدى سېنىڭ نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ، ئىشەنچلىك ۋەدەڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ.
سېنى «قاچان تەسەللى بېرەركىن» دەپ، زارىقىشتىن تالدى كۆزلەر ۋەدە كۈتۈپ.
ئوغۇل-قىزلىرىڭلار يات ئەل تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىسىلەر، لېكىن قۇتقۇزۇشقا ئامالىڭلار بولمايدۇ.
ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدى. ئاندىن: - ئۇسسىدىم! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
تولا يىغلاپ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى، يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك باغرىم تىتىلدى. چۈنكى خەلقىم ۋەيران، بالىلار، بوۋاقلار شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى.
ئۇلار بەردى ئوزۇقلۇقۇمغا زەھەرنى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا بۇزۇلغان شارابنى.
ئى پەرۋەردىگار، نېمىنى كۈتەي ئەمدى؟ ئۈمىدىم پەقەت سەندىلا قالدى.
دىيانەتلىك، دۇرۇسلۇق قوغدىغاي مېنى، چۈنكى، ساڭا باغلىدىم ئۈمىدىمنى.
قۇرىدى كۈچ-مادارىم ئوخشاپ ساپال پارچىسىغا، چاپلىشىپ قالدى تىلىم تاڭلىيىمغا، قويدۇڭ مېنى ئۆلۈم توپىسىغا.
ئى رەببىم، بەرمىدىڭ ھېچبىر جاۋاب نالە قىلسام كۈنبويى، ئاھ ئۇرۇپ، ياردەم سوراپ تاپماسمەن ھېچبىر ئارام كېچىلىرى.
يىغىدىن مەڭزىلىرىم قىزىرىپ، قاپاقلىرىم قارىداپ كەتتى.
لېكىن رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرسىزلىنىدۇ، ئۇلار قاچىدىغانغا يولى تاپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى پەقەت ئاخىرقى نەپەستۇر.»
پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى، ئىگىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى. نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى، پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى.
يەلكەمنى باستى يۈك بولۇپ سېنىڭ قەھرىڭ، ماڭا قاتتىق زەربە بولدى ھايات دولقۇنلىرىڭ. سېلاھ