2 شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ئىس-تۈتەكنى، خۇدا جەزمەن يوق قىلىدۇ رەزىللەرنى. ھالاك بولار رەزىللەر خۇدا ئالدىدا، خۇددى مومدەك ئېرىگەن ئوتتا.
ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى تاغلار خۇددى مومدەك ئېرىمەكتە. جىلغىلار يېرىلىپ، قىيا تاشلار خۇددى سۇدەك تاغ باغرىدىن ئاقماقتا.
بىراق ھالاك بولار رەزىللەر، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرى ياۋا گۈلدەك توزۇپ تۈگەر، ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولۇپ، يوقاپ كېتەر.
شۇڭا ئۇلار خۇددى سەھەردىكى تۇمان ۋە ئەتىگەندىكى شەبنەمدەك، خامان ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن توپاندەك، تۇرخۇندىن ئۇچۇپ چىققان ئىستەك بىر دەمدىلا غايىب بولىدۇ.
بۇ رەزىللىك ئوتقا ئوخشاش كۆيۈپ كېتىدۇ، بۇ ئوت ئازغان ۋە تىكەنلەرنى يالماپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ قويۇق ئورمانلارغىمۇ تۇتىشىپ، قويۇق ئىس-تۈتەك بولۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ.
مومدەك ئېرىپ كېتەر بۈيۈك تاغلار ھەتتا، ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى پەرۋەردىگار ئالدىدا.
مانا ئۇ كېسىۋېتىلدى، كۆيدۈرۈلدى ئوتتا، ھالاك بولماقتا غەزەپلىك بېقىشىڭدا.
خۇددى قۇرۇق ئوتۇننى ئوتتا كۆيدۈرگەندەك، ئوت سۇنى قايناتقاندەك، سەن پەسكە چۈشسەڭ ئىمانسىز ئەللەرمۇ ئالدىڭدا تىترەيتتى، دۈشمەنلىرىڭمۇ سېنىڭ نامىڭنى بىلەتتى.
قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا، كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟
گويا سۇدەك تۆكۈلۈپ مەندىن كەتتى قۇدرىتىم، ئۈگۈلىرىدىن ئاجراپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم، گويا شام بولۇپ ئىچىمدە ئېرىدى يۈرىكىم، ئۈمىدسىزلىكتىن يوقالدى جاسارىتىم.
ئەھدە ساندۇقىنى ھەر قېتىم يۆتكىگەندە، مۇسا: «ئى پەرۋەردىگار، قوزغالغايسەن! دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلغايسەن! سېنى يامان كۆرگۈچىلەر ئالدىڭدىن قېچىپ كەتسۇن» دەپ دۇئا قىلاتتى.
يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئارراملارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئارراملار ئۇلاردىن قاچتى.
ۋاھالەنكى، ئارراملار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت ئارراملارنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىدىن يەتتە يۈزنى ۋە باشقا لەشكەرلىرىدىن 40 مىڭنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە ئارراملارنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى يارىلاندۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى.
يات خەلقلەر سېنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىڭدىن قورقۇپ، قاچىدۇ. سەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرساڭ، دۈشمەن تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ!
بۇقا ئىلاھىڭلار ‹ئاپىس› نېمە ئۈچۈن يىقىلدى؟ ئۇ ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇنى يىقىتىۋەتتىم.