Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 68:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ھەرىكەت قىلغان بولسا ئىدى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرى تىرىپىرەن بولار ئىدى. ئۆچمەنلىرى ھەر تەرەپكە قاچار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 68:1
21 Referans Kwoze  

ئەھدە ساندۇقىنى ھەر قېتىم يۆتكىگەندە، مۇسا: «ئى پەرۋەردىگار، قوزغالغايسەن! دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلغايسەن! سېنى يامان كۆرگۈچىلەر ئالدىڭدىن قېچىپ كەتسۇن» دەپ دۇئا قىلاتتى.


كەلگىن خۇدا، بەرگىن بىزگە ياردىمىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ئازاد قىلغىن بىزنى.


دېڭىزدىكى راخابنى سەن بەربات قىلدىڭ، قۇدرىتىڭدە دۈشمىنىڭنى بىتچىت قىلدىڭ.


يات خەلقلەر سېنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىڭدىن قورقۇپ، قاچىدۇ. سەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرساڭ، دۈشمەن تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ!


ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا، يەنى ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، نىجاتلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن، تەقۋادار خەلقلىرىڭ مېھرىبانلىقىڭدىن شادلىققا تولسۇن.


تەنبىھ بەرگىن قومۇشلۇقتىكى ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارغا، بۇقىلار باشلاپ ماڭىدىغان موزايلار كەبى يات ئەللەرگە. يەرگە ئۇرغىن بىزدىن كۈمۈش-تەڭگە تەمە قىلغانلارنى، تارمار قىلغىن ھەم يات ئەللەردىكى ئۇرۇشخۇمارلارنى.


قادىر خۇدا يات شاھلارنى تىرىپىرەن قىلغىنىدا، قار ياغقاندەك ھالەت پەيدا بولدى زالمون تېغىدا.


ئى قالقىنىمىز بولغان ئىگەم، ھالاك قىلما ئۇلارنى، ئۇنتۇمىسۇن خەلقىم ئۇلارنىڭ ھالىنى، قۇدرىتىڭ بىلەن سەرسان قىلغىن ئۇلارنى، يەرگە قاراتقىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى.


ئەسىر ئېلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى، ئوڭ قولۇڭدا تۇتارسەن ساڭا ئۆچ بولغانلارنى.


لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا كېچىكتۈرمەيلا جازا بېرىدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.


ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.


شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇن پارچىلىرى خۇددى يازدا خاماندىكى ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك غايىب بولۇپ، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى.


شەھەرنى قورشاش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، چېچىڭنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كېسەككە ئويۇلغان شەھەردە كۆيدۈر. ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئويۇلغان شەھەرنىڭ سىرتىدا خەنجەر بىلەن توغرا. ئۈچىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شامالدا ئۇچۇرۇۋەت. چۈنكى مەن قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، خەلقىمنى كەينىدىن قوغلايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite