7 خۇدا بىزگە بەخت ئاتا قىلغاي، بارچە ئىنسان ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغاي.
يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر، ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.
ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار، ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر! مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.
ئەي ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېرىنداشلار ۋە يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا ھەممىمىزنى قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى.
ئۇلۇغ غەلىبەڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن بىزگە، ئى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا. ئۈمىدىسەن بارچە ئىنساننىڭ، تاكى چېتىدىكىلەرگىچە زېمىننىڭ.
ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار، نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟ چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن. كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر، ساڭا سەجدە قىلغۇسى. چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.»
چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: «يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نۇر قىلىپ ئەۋەتتىم.»
ھەقىقىي ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولنى ماڭا كۆرسەتتىڭ. ئەمدى سەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىسەن.»
كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.
پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرەت بېرەر ئۆز خەلقىگە، تولدۇرار ئۇلارنى تىنچ-ئامانلىق بەختىگە.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ئىبراھىمغا ئوخشاش بەخت تاپىدۇ.
ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتنىڭ قۇياشى چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر.
مەن ئىسرائىلىيەدىن جەڭ ھارۋىلىرىنى، يېرۇسالېمدىن جەڭ ئاتلىرىنى يوقىتىمەن. ئۇرۇش قوراللىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاندىن ئۇ ئەللەرگە تىنچلىق جاكارلار. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، فىرات دەرياسىدىن تېخىمۇ يىراق بولغان زېمىننىڭ چېتىگىچە بولىدۇ.
ئۇ قەددىنى رۇسلاپ، پەرۋەردىگارى خۇدانىڭ كۈچى ۋە بۈيۈك نامى بىلەن خەلقىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، خەلق خاتىرجەم ياشايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ داڭقى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يېتىپ بارىدۇ.
پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس، قۇدرەتلىك قولىنى كۆرسىتىدۇ. يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ھەممە ئادەم خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆرەلەيدۇ.
شىمالدىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى چىقىرىپ بەر!› دەيمەن. جەنۇبتىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى تۇتۇپ قالماڭلار!› دەيمەن. يىراق زېمىنلاردىن خەلقىم قايتىپ كەلسۇن. خەلقىم يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ، قايتىپ كەلسۇن.
ئۇ يەتكۈزدى ئىسرائىللارغا مېھىر ۋە مۇھەببىتىنى، ئۇنتۇمىدى ئۇ زىنھار ئىسرائىللارغا بولغان ساداقىتىنى، بارچە ئاۋام كۆردى ھەم ئىگىمىزنىڭ ئۇتۇقىنى.
نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.
ئەيمەنسۇن پەرۋەردىگاردىن جىمى مەخلۇقاتلار، قورقسۇن ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار.
ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەختتىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار بىز بىلەن بىللە خۇدا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئېتىقاد بىلەن قوبۇل قىلالايدۇ.
سىلەرگە ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىمەن. يېرىڭلار ھوسۇل، مېۋىلىك دەرەخلىرىڭلار مېۋە بېرىدۇ.
پەرۋەردىگار ئېتىزىڭلارغا تېرىلغان ئۇرۇقلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. زېمىنىڭلار مول ھوسۇل بېرىپ، باياشاتچىلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىڭلار كەڭ يايلاقلاردا ئوتلايدۇ.
خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن.