1 بىزنى بەختلىك قىلغايسەن خۇدا، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ بىزگە، دىدارىڭنىڭ جىلۋىلىرىنى، چېچىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە. سېلاھ
سورايدۇ نۇرغۇن كىشىلەر: ياخشىلىق قىلار كىم بىزگە؟ ئېھ پەرۋەردىگار، چۈشۈرگىن جامالىڭنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە.
چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.
جاۋاب بەرگىن، نىدا قىلسام ساڭا، ئېھ مېنى ھىمايە قىلغۇچى خۇدا. مېنى ئازاد قىلغانىدىڭ كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئاڭلىغىن دۇئايىمنى يەنە رەھىم قىلىپ ماڭا.
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چېچىپ ماڭا، پەرمانلىرىڭنى ئۆگەتكىن مەن قۇلۇڭغا.
چۈشۈرگىن قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ نۇرىنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇزغىن مېنى.
ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.
ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.
خۇداغا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە ئەرشتىكى بارلىق روھىي بەختنى ئاتا قىلدى.
ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغايسەن ئۆز خەلقىڭنى، بەرىكەتلىك قىلغايسەن ئۆزۈڭگە تەۋە بولغانلارنى، چوپانى بولۇپ باققايسەن مەڭگۈ ئۇلارنى.
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆزۈڭ قۇتقۇزغان ئىسرائىل خەلقىدىن بۇ گۇناھنى ساقىت قىلغايسەن، گۇناھسىز بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز خەلقىڭگە ئارتمىغايسەن» دەپ دۇئا قىلسۇن. شۇندىلا قاتىللىق قىلىش گۇناھى خەلقتىن ساقىت قىلىنىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە.
خۇدا مەشھۇردۇر يەھۇدىيە خەلقىگە، نامى بۈيۈكتۇر ئىسرائىلىيە ئېلىدە.