8 تىللىرىدىن ئىلىنىپ گۇمران بۇلار، ئۇلارنى كۆرگەنلەر مەسخىرە قىلار.
ھاماقەتنىڭ ئاغزى ئۆزىگە بالادۇر. ئۇنىڭ تىلى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر.
يامان كىشى ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار، ھەققانىي ئادەم مۈشكۈللۈكتىن قۇتۇلار.
تەھدىتلىرى مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ، يانسۇن ئۆز بېشىغا ئۇلارنىڭ.
«ئەي يامان چاكار، سېنى ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە جازالايمەن. سەن مېنىڭ تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان، ئۆزۈمنىڭ بولمىغاننى ئېلىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،
ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - بۇ ۋەھشىي ئادەملەرنى قورقۇنچلۇق شەكىلدە يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا ئىجارىسىنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغان كىشىلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىشتى.
سېنى كۆرگەنلا ئادەم سەندىن قېچىپ: ‹نىنەۋى خاراب بولدى! كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چېكەر؟› دەيدۇ. ساڭا تەسەللى بېرىدىغان ئادەم ئەسلا يوقتۇر!»
ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟ قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ، بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېمىنى خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، بۇ زېمىن مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە باشلىرىنى چايقىشىدۇ.
قالدىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ھاقارىتىگە، ھەتتا قوشنىلىرىمنىڭ ئاھانىتىگە. بولدۇم مەن تونۇشلىرىمغا بىر ۋەھىمە، قاچار ئۇلار كوچىدا مېنى كۆرسە.
كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلار مېنى. دېيىشەر پۈرۈشتۈرۈپ ئېغىزلىرىنى، چايقىشىپ باشلىرىنى:
سېنى گۇناھكار قىلغان مەن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنىڭ ئاغزىدۇر، لەۋلىرىڭ سېنىڭ گۇناھىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»
ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم! بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا. ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە.
ئېغىزلىرى تولغاندۇر يامانلىققا، زەھەر تامار تىللىرىدىن ئۇلارنىڭ، يامان سۆز ۋە يالغانچىلىقلىرى، تۇمشۇقىدىن ئىلگەي تەكەببۇرلۇقىنىڭ.
بۇنى كۆرۈپ ھەققانىيلار ھاڭ-تاڭ قالار، ئۇ نوچىنى مۇنداق دەپ زاڭلىق قىلار:
دۈشمەنلىرىم مەغلۇپ بولۇپ قاچقىنىدا، ھالاك قىلىسەن ئۇلارنى ئالدىمدا.
ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى.
چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ قوغلىغايسەن رەقىبىڭنى، تارقاتقايسەن ئۇلارنى ئېتىپ تۇرۇپ ئوقلىرىڭنى.