5 بەتنىيەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ بىر-بىرىنى، مەسلىھەتلىشەر ئۆزئارا يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى، ئويلايدۇ ئۇلار: «كىم بىلىپ قالاتتى بۇ ئىشلارنى.»
يوشۇرۇن قىلتاق قۇردى مەن ئۈچۈن تەكەببۇرلار، ۋە يىپ تورىنى يايدى ئۇلار، يول بويىغا قۇردى ھەم تۇزاقلار. سېلاھ
دەر يامانلار كۆڭۈللىرىدە: «ئۇنتۇپ قالدى خۇدا بىزنى، نەزەر سالمايدۇ ھەرگىز بىزگە، يۇمۇۋالغاندۇر كۆزلىرىنى.»
ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بۇتلىرى بىلەن يوشۇرۇنچە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار: «بىزنى پەرۋەردىگار كۆرمەيدۇ، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى» دەپ ئويلايدۇ.
ئۇلار دەر: «كۆرمەيدۇ پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىلمەيدۇ زىنھار.»
توختىماستىن ئېغىزلىرىدىن يامانلىق چىقار، تىللىرى ئۇلارنىڭ خەنجەرگە ئوخشار، ئىچىدە «قىلغانلىرىمىزنى كىممۇ بىلەر» دەپ ئويلار.
بىراق سەن: ‹خۇدا نېمىنى بىلەتتى، ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قانداقسىگە سوراق قىلالىسۇن؟
ئۇلار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ‹جاسارەتلىك بول!› دېيىشىدۇ.
قېچىپ چىقتۇق قۇش كەبى بىز ئۇلارنىڭ قاپقىنىدىن، تۇزىقى بۇزۇلۇپ، قاچتۇق ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن.
ئۇلار مەندىن قۇدرەتلىك ئىكەن، مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. شۇنداق بولغاندىلا مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلەيمەن. بىلىمەن، سەن كىمگە بەخت تىلىسەڭ، شۇ بەختكە ئېرىشىدۇ، كىمنى قارغىساڭ، شۇ قارغىشقا قالىدۇ.»
ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەن، دەپ جار سالدى دۈشمەن. دېدى ئۇلار: ‹مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچ بىلەن ئالىمەن دەردىمنى›.
يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېيت-بايرام ئۆتكۈزىدۇ، بىر-بىرىگە ھەدىيىلەر ئەۋەتىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا تىكەندەك سانجىلىپ، ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنىدى.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر بىرەر ئادەمنى دىنىي ئېقىمىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، يەر-جاھاننى ئايلىنىپ چىقىسىلەر. بىراق، ئۇ كىشى ئېقىمىڭلارغا كىرگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى دوزاخقا كىرىشكە ئۆزۈڭلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ لايىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر.
خۇدا مېنى يۇرتۇمدىن ئايرىپ، باشقا يۇرتلاردا مۇساپىر قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا: «بىز قەيەرگە بارمايلى، مەن ھەققىمدە گەپ بولسا، مېنى ئاكام دەپ ئېيتقىن. شۇندىلا سەن ماڭا بولغان چىن مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەن بولىسەن» دېگەنىدىم.
ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكىدەك جەڭگىۋار ھالەتتە ئۇرۇش سېپىنى قايتىدىن تۈزۈشتى.