3 بەئەينى شەمشەر كەبى ئۆتكۈر ئۇلارنىڭ تىللىرى، خۇددى ئوقيادەك بەتلەكلىك ئۇلارنىڭ زەھەر سۆزلىرى.
ئۇلار خۇددى ئېقىپ كەتكەن سۇلار كەبى يوقالسۇن، ئوقيالىرىنى بەتلىسە، ئوقى شۇئان سۇنۇپ كەتسۇن.
مەن ياتارمەن ئارىسىدا شىرلارنىڭ، ئادەم گۆشى يەيدىغان ئاچ كۆزلەرنىڭ. تىللىرى خۇددى ئۆتكۈر قىلىچ بولسا، نەيزە ۋە ئوقلار كەبى چىشلىرى ئۇلارنىڭ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر. يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ.
ئويلىمايلا قىلغان سۆز قىلىچتەك تىقىلار، دانالارنىڭ سۆزى داۋا بولار.
مانا يامانلار تارتىپ يايىنى، تەق قىلدى سېلىپ ئوقىنى، يوشۇرۇن ئاتماقچى بولۇپ ياخشىنى.
ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ، سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن. بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر. مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
شۇنداقلارمۇ باركى، يوقىتىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن نامراتلارنى، يالماش ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىىسىدىكى موھتاجلارنى، باردۇر ئۇلارنىڭ قىلىچتەك چىشلىرى، پىچاقتەك ئېزىق چىشلىرى،
ساقلا مېنى ئۇلارنىڭ ماڭا قۇرغان قىلتاقلىرىدىن، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن.