Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 64:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ساقلىغىن مېنى ئۆزۈڭ رەزىللەرنىڭ سۇيىقەستىدىن، ئامان قىل ھاياتىمنى يامانلارنىڭ قەستىدىن.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 64:2
20 Referans Kwoze  

قۇتۇلدۇر مېنى پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىمنىڭ ئىلكىدىن، باشپاناھ ئىزدەپ كەلدىم يېنىڭغا، ئورۇن بەرگىن قوينىڭدىن.


قۇتقۇزغايسەن يامانلارنىڭ قولىدىن، ئازاد قىلغىن قانخورلارنىڭ قوينىدىن.


مەن خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان ياۋاش قويغا ئوخشاپ قالغانىدىم. ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى، يەنى ئۇلارنىڭ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، مېۋىلىرىنى كۆزدىن يوقىتايلى! كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسمىنى كىشىلەر ياد ئەتمەيدىغان قىلىۋېتەيلى!» دېگەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم.


سېنى پاناھ قىلغانلارنى ساقلاپ ھۇزۇرۇڭدا، قوغدايسەن ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن، ئېلىپ ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭغا، ساقلايسەن چېقىمچىلارنىڭ تىللىرىدىن.


ئېغىر كۈنلەر كەلگىنىدە بېشىمغا، ئالار ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا. چىقىرىپ مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز جايغا، يوشۇرۇپ قۇيار مۇقەددەس چېدىرىغا.


ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بارلىق سۇيىقەستىنى بىلىسەن. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن! ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن! ئۇلار كۆز ئالدىڭدا مەغلۇپ بولۇپ، يىقىلىپ چۈشسۇن! ئۇلارنى غەزەپ بىلەن جازالىغايسەن!»


ئۇلار ماڭا يوشۇرۇن ھالدا ھۇجۇمغا چىقماقتا، چۈشۈپ مېنىڭ پېيىمگە ھاياتىمغا قەست قىلماقتا.


نەقەدەر كۆپتۇر رەقىبلىرىم، ئى پەرۋەردىگار، شۇنچە جىقتۇر ماڭا قارشى چىققانلار.


يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. چۈنكى، ئۇلار يول ئۈستىدە پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەنىدى.


ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا، جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ. ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ. قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ.


سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قابىلغا: _ نېمىشقا خاپا بولىسەن؟ چىرايىڭ نېمىشقا تۇتۇلۇپ كەتتى؟


مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغايسەن.


سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ بىر ئېغىزدىن شىكايەت قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى تەستىقلاشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite