10 ھەققانىيلار شادلانسۇن پەرۋەردىگاردىن دائىما، پاناھ تاپسۇن ھەم ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قوينىدا، قەلبى پاكلار ھەمدۇسانا ئېيتسۇن ئۇنىڭغا.
ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولۇپ شادلىنىڭلار، ئەي قەلبى پاكلار، شادلىقتىن ئالقىش ياڭرىتىڭلار.
پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى، ئىگىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى. نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى، پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن.
كۈچلۈك بولار زېمىندا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭغانلىرى.
نۇر خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغاندۇر ھەققانىيلارغا، شادلىق تېرىلغاندۇر دىلى دۇرۇسلارغا.
قۇتقۇز ھەم قوغدىغىن ھاياتىمنى، شەرمەندە قىلما مېنى، باشپاناھىم بىلىمەن پەقەت سېنى.
ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن خۇشاللىنىپ، گۇناھسىزلار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشىپ:
رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار!
يامانلارنى جازالىسا خۇدايىم ھەققانىيلار خۇش بولار، يامانلارنىڭ قېنىدا پۇتلىرىنى يۇيىدۇ ئۇلار.
پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا، «قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا» دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟!