1 قۇلاق سالغىن ئى خۇدا، ئاڭلا مېنىڭ ئاھىمنى، دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قوغدىغىن ھاياتىمنى.
ئىجابەت قىلىپ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، ھەممە ۋەھىمىلەردىن خالاس قىلدى مېنى.
پەرىشتە ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن خۇداغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭ كېرەك. مېھرىبان خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلىپ، سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىدۇ!» دېدى.
پەرۋەردىگار مەن ساڭا قىلدىم نىدا، كەلسىكەن دەپ سېنى تېزدىن يېنىمغا، ئاڭلىساڭچۇ ئاۋازىمنى ساڭا نىدا قىلغىنىمدا.
ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتقۇزغىن مېنى، زوراۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغىن مېنى.
ئى پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى قىلسام نىدا، كۆرسەتكەيسەن ئىلتىپات جاۋاب بېرىپ ماڭا.