5 ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى، بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى.
تۇرمىسام بولماس ۋەدىلىرىمدە، ئى خۇدا، سۇنىمەن شۇڭا شۈكۈر قۇربانلىقلىرىمنى ساڭا.
ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلسا ئەگەر، كىچىكىدىن-چوڭىغىچە بەرىكەت بېرەر.
پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئەگىشىپ ساڭا ھەق يولدا ياشاي. قاراتقىن ئۆزۈڭگىلا بۇ قەلبىمنى، چىن دىلىمدىن ساڭا ئىخلاس قىلاي.
شۈبھىسىزكى، دۇئايىمنى ئاڭلىدى خۇدا، دۇئا قىلغىنىمدا قۇلاق سېلىپ تۇردى ماڭا.
ھەمدۇسانا ئوقۇماق بولۇپ ساڭا ئى خۇدا، كىشىلەر كۈتمەكتە سېنى سىئوندا. ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرار ئۇلار شۇ جايدا.
كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرىغىن مېنى، مېنى ھالاك قىلماقچى بولغان رەزىللەردىن. قاناتلىرىڭ ئاستىغا يوشۇرغىن مېنى، قورشىۋالغان ئەشەددىي دۈشمەنلىرىمدىن.
ئېيتارمەن پەرۋەردىگارغا: «باشپاناھىم، قورغىنىمسەن، ئىشەنچىمنى باغلىغان خۇدايىمسەن.»