8 پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا، چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا. چۇقان سالىمەن، فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.»
ئۇ يەنە ئىدومنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.
داۋۇت يەنە ئىدومغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى، ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.
ئۇ ئىدومنى بويسۇندۇرۇپ، دۈشمەن بولغان سەئىرنىمۇ ئىگىلەيدۇ، ئىسرائىللار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.»
سەن قىلىچقا تايىنىپ ياشايسەن، ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن. لېكىن سەن ئۇنىڭغا قارشى چىقساڭ، ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالايسەن.»