Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 6:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ھېچ مادارىم قالمىدى نالە-پەرياد قىلىپ ساڭا، كۆز يېشىم دەريا بولۇر ھەر كېچىسى ئورنۇمدا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 6:6
23 Referans Kwoze  

پەرياد چېكىپ ھالىم كەتتى، گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى، تەلمۈرۈپ خۇدايىمغا كۆزۈمنىڭ نۇرى كەتتى.


كۆز ياشلىرىم مەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بولدى غىزا، «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشەر رەقىبلىرىم دائىم ماڭا.


ئى رەببىم، ئارزۇلىرىم ئاياندۇر ساڭا، ئاھ ئۇرۇشۇم يوشۇرۇن ئەمەستۇر ساڭا.


تولا يىغلاپ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى، يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك باغرىم تىتىلدى. چۈنكى خەلقىم ۋەيران، بالىلار، بوۋاقلار شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى.


مەن پەرياد قىلىمەن شۇڭا، كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئاقماقتا. ھېچكىم يوقتۇر تەسەللى، مەدەت بېرىشكە. پەرزەنتلىرىم قالدى تەنھا، يېگانە، چۈنكى دۈشمەن ئېرىشتى غەلىبىگە.»


يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.


«مەن تاكى بۈگۈنگىچە ئازاب ئىچىدە شىكايەت قىلماقتىمەن، مەن نالە قىلساممۇ، ئۇ ماڭا ئازاب سېلىۋاتىدۇ.


دوستلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ، مەن خۇدا ئالدىدا ياش تۆكمەكتىمەن.


شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ پېشانەمگىمۇ مەنىسىز كۈنلەر، ئېچىنىشلىق كېچىلەر پۈتۈلگەندۇر.


ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن يەردە تۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاندىن، ئۇ چاچلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى.


پەرۋەردىگار ماڭا، خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم: «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى. چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى. ئۇلار ئېغىر يارىلاندى.


ئى پەرۋەردىگار، كۆزلىرىم خىرەلەشتى ئازابتا، ھەر كۈنى قىلىمەن ساڭا نىدا، قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا.


ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل قويغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغىن كۆز ياشلىرىمغا، چۈنكى بىر مۇساپىرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا، ئاتا-بوۋىلىرىمدەك غېرىبمەن بۇ پانىي دۇنيادا.


«ھاياتىمدىن بىزار بولدۇم، شىكايەتلىرىمنى ئوچۇق ئېيتىۋالاي، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكۈۋالاي.


ئى پەرۋەردىگار، كۆرسەتكىن شەپقىتىڭنى قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا، ئى پەرۋەردىگار، مەدەتكار بولغىن ماڭا.


قەبرىدە كىممۇ بايان قىلسۇن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى؟ ئۆلۈكلەر ماكانىدا كىممۇ ماختىسۇن ساداقىتىڭنى؟


ئۆلۈكلەر سۈكۈتتىدۇر قەبرىلىكتە، مەدھىيەلەر بولماس گۆردە ئىگىمىزگە.


گۆردىكىلەر ساڭا شۈكۈر ئېيتالمايدۇ، ئۆلگەنلەر ساڭا مەدھىيە ئوقۇيالمايدۇ، لەھەتتىكى مۇردا سېنىڭ ساداقىتىڭدىن ئۈمىد كۈتەلمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite