5 چۈنكى ھېچكىم سېنى ئەسلىمەس ئۆلسە، كىم ساڭا رەھمەت ئېيتار گۆر ئىچىدە.
ئۆلۈكلەر سۈكۈتتىدۇر قەبرىلىكتە، مەدھىيەلەر بولماس گۆردە ئىگىمىزگە.
قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.
ئۆمرۈم تۈگەپ، كەتسەم ئۆلۈكلەر ماكانىغا، نېمە پايدام تىگەر ساڭا؟ جەسىتىم جاكارلاپ سېنىڭ ۋاپادارلىقىڭنى، ئوقۇيالارمۇ مەدھىيە ساڭا؟
مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايان ئەيلەيمەن.
كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ.
ئى ئىگەم ئۆتۈنەي مەن، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا، قاچانغىچە ياشايمىزكى موھتاج بولۇپ شەپقىتىڭگە؟ رەھىم ئەيلە سېنى سۆيگەن بەندىلىرىڭگە!
نىدا قىلدىم تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگار نامىنى، «قۇتقۇزغىن دەپ پەرۋەردىگار جېنىمنى.»