Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 6:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۆتۈنەي پەرۋەردىگار، ساقلاپ قالغىن جېنىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇز مېنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 6:4
20 Referans Kwoze  

ئى خۇدايىم، ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالغىن. ئۈمىدسىز ھالىتىمىزنى، يەنى ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەھەرنىڭ خارابە ھالىتىنى كۆرگىن. بىزنىڭ ھەق بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بەك رەھىمدىل بولغانلىقىڭدىن سەندىن تىلەۋاتىمىز.


ئۆتۈنەي خۇدا، ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنىڭ، قىلىچىڭ بىلەن تىز پۈكتۈرۈپ ئۇلارنى، قۇتقۇزغىن رەزىللەردىن جېنىمنى.


سىلەر ئەجدادلىرىڭلار زامانىدىن تارتىپ مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن چەتنەپ، ماڭا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ كەلدىڭلار. ئەمدى سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتا يار بولاي. بىراق سىلەر: ‹بىز ئەزەلدىن سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭدىن چەتنەپ كەتمىگەن تۇرساق، قانداق قايتىمىز؟› دەپ سورايسىلەر.


يامانلىقلاردىن قوغدايدۇ پەرۋەردىگار، ھەم جېنىڭنى ئۇ ئامان قىلار.


نىدا قىلدىم تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگار نامىنى، «قۇتقۇزغىن دەپ پەرۋەردىگار جېنىمنى.»


ئى ئىگەم ئۆتۈنەي مەن، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا، قاچانغىچە ياشايمىزكى موھتاج بولۇپ شەپقىتىڭگە؟ رەھىم ئەيلە سېنى سۆيگەن بەندىلىرىڭگە!


ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا كەلگىن يېنىمىزغا. سامادىن نەزەر سېلىپ ئۈزۈمزارلىققا، غەمخورلۇق قىلغىن ئۈزۈم تاللىرىغا.


قىلىچتىن قۇتقۇز مېنىڭ جېنىمنى، ئىتلارنىڭ چاڭگىلىدىن قىممەتلىك ھاياتىمنى.


شۇڭا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتىگە مەدھىيىلەر ئوقۇيمىز. بىز خۇدانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بۇنداق غايەت زور مېھىر-شەپقەتنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلدى.


مانا قارا، مېنىڭ تارتقان بۇ قاتتىق ئازابلىرىم مېنىڭ مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈندۇر، سەن مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلدىڭ، چۈنكى سەن گۇناھلىرىمنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ.


«قۇتقۇزغىن مېنى ئى خۇدا، يالغانچى لەۋلەردىن، ئالدامچى تىللاردىن» دەپ ئىلتىجا قىلدىم ئۇنىڭغا.


ئى خۇدا، ساقلىدىڭ ئۆلۈمدىن جېنىمنى، يىغا-زار قىلىشتىن كۆزلىرىمنى، پۇتلىشىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمنى.


چۈنكى قۇتقۇزدۇڭ جېنىمنى جەھەننەم دەرگاھىدىن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ شۇنچە چەكسىز بولغاچ ماڭا.


شۇنداقتىمۇ دۇئا قىلىمەن توختىماي ساڭا، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولغاچ سەندە، خالىغان ۋاقتىڭدا، ئىشەنچلىك نىجاتلىقىڭنى دۇئالىرىمغا جاۋاب قىلىپ، بەرگىن ماڭا.


ئى پەرۋەردىگار، ئېسىڭدە تۇتمىغىن ئۆسمۈرلۈكتە ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە ئەيىبلىرىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ياد ئەتكىن مېنى، كۆرسىتىپ ماڭا مېھرىبانلىقىڭنى.


ھەسرەت يۇتۇپ ئۆتەرمەن، قاچانغىچە ئەندىشىدە، دۈشمىنىم دەسسەپ تۇرار قاچانغىچە يەلكەمگە؟


رەقىبلىرىڭ مەسخىرە قىلار سېنى خۇدا قاچانغىچە؟ ھاقارەتكە قالارمۇ نامىڭ سېنىڭ ئەبەدكىچە؟


ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟! ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite