3 ئى پەرۋەردىگار، ھەسرەت تولدى قەلبىمگە، يۈرەرمەن بۇ ئەھۋالدا قاچانغىچە؟
ئى ئىگەم ئۆتۈنەي مەن، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا، قاچانغىچە ياشايمىزكى موھتاج بولۇپ شەپقىتىڭگە؟ رەھىم ئەيلە سېنى سۆيگەن بەندىلىرىڭگە!
- ھازىر كۆڭلۈم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋاقىت-سائەتتىن قۇتقۇز!» دەيمۇ؟ ياق! مەن شۇ ۋاقىت-سائەتنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم.
بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟
ئۇ ئۇلارغا: - جېنىم چىقىپ كېتىدىغاندەك غەم-قايغۇغا پاتتى. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ھوشيار تۇرۇڭلار، - دېدى
ئادەم روھى بىلەن بەرداشلىق بېرەر ئاغرىق ئازابىغا، بىراق كىممۇ چىدىيالار روھى سۇنۇقلۇققا؟
رەببىم مېنى مەڭگۈگە تەرك ئېتەرمۇ؟ ئەمدى ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلماسمۇ؟
ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.
تۇمشۇقۇمغا كېلىپ قالدى جېنىم مېنىڭ، ھەسرەتتىن پەرياد قىلار قەلبىم مېنىڭ.
گويا سۇدەك تۆكۈلۈپ مەندىن كەتتى قۇدرىتىم، ئۈگۈلىرىدىن ئاجراپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم، گويا شام بولۇپ ئىچىمدە ئېرىدى يۈرىكىم، ئۈمىدسىزلىكتىن يوقالدى جاسارىتىم.
بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.
ئى پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن مېنى ساقايتساڭ، مەن ھەقىقىي ساقايغان بولىمەن، ئەگەر سەن مېنى قۇتقۇزساڭ، مەن ھەقىقىي قۇتقۇزۇلغان بولىمەن، مەن سېنىلا مەدھىيەلەيمەن!