9 ساڭا تەلمۈرىمەن ئى كۈچ-قۇدرىتىم خۇدا، چۈنكى باشپاناھىمدۇرسەن ماڭا دائىما.
پەرۋەردىگار قورغاندۇر ئېزىلگەنلەرگە، پاناھ بولار ئۇ دائىم ئازابلىق كۈنلەردە.
قورام تېشىم، نىجاتكارىم پەقەت خۇدادۇر، تەۋرەنمەسمەن چۈنكى ئۇ قورغىنىمدۇر.
ئى ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بولغان ئىگەم، باردۇر ساڭا مېنىڭ مەدھىيەم. سەن مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇرسەن، ماڭا مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدادۇرسەن.
تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.
كۈچ-قۇۋۋىتىمدۇر ئىگەم پەرۋەردىگار. پۇتلىرىمنى قىلار ئۇ كېيىكنىڭكىدەك، ماڭارمەن شۇندا مەن ئېگىز تاغلاردا. (تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.)
ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.
بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر! ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن. چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر، ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.»
نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟
بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن. بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »
شۇنداق قىلساڭلار مەندىن خۇشاللىق تاپىسىلەر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلىمەن، ھەم سىلەرنى ئەجدادىڭلار ياقۇپنىڭ مۈلۈكىدىن بەھرىمەن قىلىمەن.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
خۇدا دېدىڭ: «كۈچ-قۇدرەت مەنسۇپتۇر ماڭا.» تەكىتلىدىڭ: «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت تەۋەدۇر ماڭا.» بەرھەق، سەن قايتۇرىسەن ھەربىر ئىنسانغا، قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ
كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.
كۈلپەتتە قالغىنىڭدا پەرۋەردىگار جاۋاب بەرگەي نىدايىڭغا، ياقۇپنى يېتەكلىگەن خۇدا ساقلىغاي سېنى ئۆز پاناھىدا.
مانا كۈلمەكتە، ئولتۇرغۇچى ئەرش تەختىدە، پەرۋەردىگار قىلماقتا ئۇلارنى مەسخىرە.