2 قۇتقۇزغايسەن يامانلارنىڭ قولىدىن، ئازاد قىلغىن قانخورلارنىڭ قوينىدىن.
ئى خۇدا، جۇدا قىلغىن رەزىللەرنى جېنىدىن، ئەي قانخورلار، يىراق قېچىڭلار مېنىڭدىن.
گۇناھكارلار قاتارى ئالمىغىن جېنىمنى، قانخورلار قاتارى ھاياتىمنى.
ئېھ خۇدا، سەن تاشلايسەن ھالاكەت ھاڭلىرىغا دۈشمەنلىرىمنى، قانخور، ھىيلىگەرلەر ياشىيالماس ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى، ئەمما مەن يوقاتماسمەن ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى.
رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم پۇتلىشىپ چۈشتى دۈم، گۆشۈمنى يېمەك بولۇپ ماڭا قىلغاندا ھۇجۇم.
بولمىسا، ئۇلار شىردەك تىتىپ تاشلار مېنى، ھېچكىمىم يوقتۇر قۇتقۇزىدىغانغا جېنىمنى.
رەزىللەردىن قوغدايدۇ مېنى كىم چىقىپ ئوتتۇرىغا؟ كىم تۇرار مەن تەرەپتە قارشى ھالدا يامانلارغا؟