10 ۋاپادار پەرۋەردىگار ماڭا كېلىپ ياردەم بېرەر، دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتەر.
پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.
شۇنداق خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن خالاس قىلدىڭ مېنى، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى.
ئى ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بولغان ئىگەم، باردۇر ساڭا مېنىڭ مەدھىيەم. سەن مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇرسەن، ماڭا مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدادۇرسەن.
مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلدىڭ ئۇنىڭغا، ساپ ئالتۇندىن تاج كىيدۈردۈڭ بېشىغا.
كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى، ئاڭلىدىم رەزىل رەقىبلىرىمنىڭ يىغا-زارىنى.
بەرگەي ئۇ يامانغا يامانچە جازا، ھالاك قىلىپ دۈشمەننى ۋاپادار خۇدا.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، يەنى بارلىق تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان رەھىمدىل ئاتىمىز خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي!
ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ خەلقىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتىمنى تاشلىمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈشۈڭنى خالىمىدىم. مەن ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىسەن.
ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.
ئىرادىسى مۇستەھكەمدۇر ئۇلارنىڭ، قورقمايدۇ ئەسلا، كۆرەر مەغلۇبىيىتىنى دۈشمەنلىرىنىڭ.
كۆرىسەن پەقەت ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى، پاسىقلارنىڭ قانداق جازالانغىنىنى.
بىزدىن ئالما سورىقىنى گۇناھ قىلسا ئەجدادىمىز، بىزگە تېزراق رەھىم قىلغىن، بەكمۇ ناچار چۈنكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز.
ئۇلار ماڭا يوشۇرۇن ھالدا ھۇجۇمغا چىقماقتا، چۈشۈپ مېنىڭ پېيىمگە ھاياتىمغا قەست قىلماقتا.
رەقىبلىرىم زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. تەكەببۇرلىشىپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى، ماڭا قارشى جەڭگى-جېدەل چىقارماقتا.
ئى پەرۋەردىگار، باشلىغىن مېنى ھەققانىيلىقىڭدا، چۈنكى پايلاپ يۈرەر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. روشەن قىلغىن ئۆز يولۇڭنى ئالدىمدا.
داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان ئۈچۈن «يا» مەرسىيەسى دەپ ئاتالغان تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇدى. ئۇ: «بۇ مەرسىيە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە ئۆگىتىلسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. (بۇ مەرسىيە «ياشۇر» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەندۇر.)
بىز ھازىر رەببىمىزنىڭ سۆزى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەببىمىز قايتا كەلگەندە، بىز ھايات ياشاۋاتقانلار ھەرگىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئېتىقادچىلاردىن ئاۋۋال رەببىمىز بىلەن جەم بولالمايمىز.
مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۆزى سائۇلنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ياكى ئۇنىڭ كۈنى توشۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ياكى جەڭدە ھالاك بولىدۇ.
كۆرۈڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى، زېمىندا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىقلىرىنى.