6 تۇزاق قۇرار يوللىرىمغا رەقىبلىرىم، ئەلەملەردىن ئېزىلدى بۇ يۈرەكلىرىم. ئۇلار ئورا كولىۋىدى يوللىرىمغا، ئۆزلىرى چۈشتى قازغان ئورىلىرىغا. سېلاھ
پەرۋەردىگار يۆلەر يىقىلغانلارنى، رۇسلار ئىگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى.
سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى. زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ.
دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرغۇچى چۈشەر ئۆزى كولىغان ئورىغا. پاك-دىيانەتلىك مىراسخور بولار ياخشىلىققا.
يوشۇرۇن قىلتاق قۇردى مەن ئۈچۈن تەكەببۇرلار، ۋە يىپ تورىنى يايدى ئۇلار، يول بويىغا قۇردى ھەم تۇزاقلار. سېلاھ
ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، گويا پۇتىغا قاپقان قۇرغان كەبى.
رەقىبلىرىم يوللىرىمغا قىلتاق قۇرغان بولسىمۇ، روھىم مېنىڭ بۇرۇقتۇم بولۇپ تۈگىشەي دېسىمۇ، ئۆزۈڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىسەن شۇنداقتىمۇ.
شۇڭا روھىم سىقىلىپ بۇرۇقتۇم بولدى، ئۈمىدلىرىم ئۈزۈلۈپ كۆڭلۈممۇ قايغۇغا تولدى.
ئى ئىلاھىم، غەم باستى كۆڭلۈمنى، شۇڭا ئەسلەيمەن سېنى، ئىئوردان زېمىنىدا، خەرمون ۋە مىزار تاغلىرىدا.
شۇنداقتىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتىم بىلەن ۋە پۈتۈن يەر-زېمىنغا تولىدىغان ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن شۇنى قەسەم قىلىمەنكى،
داۋۇت پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىمىز ئىسرائىل ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن!
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!
بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدا مەدھىيەلەتتىڭ ئۆزۈڭنى، يۇمۇش ئۈچۈن دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئېغىزلىرىنى.
دۇئايىمنى قىلىپ ئىجابەت، قۇتقۇز بىزنى ئوڭ قولۇڭدا، ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ نىجاتلىق تاپار شۇندا.