Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 57:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا، شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا. چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە، قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا، تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 57:1
34 Referans Kwoze  

بۈركۈت كەبى ئۇ قاناتلىرى ئاستىغا ئالار سېنى، سەن ئۈچۈن پاناھ بولار ئۇنىڭ قاناتلىرى، قالقان ۋە ئىستىھكامىڭ بولار ساداقىتى.


بىباھادۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ئى خۇدا، پاناھ تاپار ئىنسانلار قاناتلىرىڭ سايىسىدا.


چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان قىلاي، قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپاي. سېلاھ


سەن مەدەتكار بولۇپ كەلدىڭ ماڭا ئى خۇدا، كۈيلەيمەن سېنى قاناتلىرىڭ سايىسىدا.


سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭنى بىلگەنلەر ئىشەنچىسىنى باغلار ساڭا، چۈنكى، تەرك ئەتمەيسەن ساڭا تەلپۈنگەنلەرنى، ئى خۇدا.


كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.


ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.»


قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى.


خەلقىم، ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلغۇچە ئازغىنا ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار.


شەپقەت قىلغىن ماڭا، ئى خۇدا. كىشىلەر قىلىپ مېنى دەپسەندە، كۈنبويى قىيناپ، بەكلا ئەزمەكتە.


پەرۋەردىگارنى پاناھ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ئۇلۇغ خۇدانى قورغىنىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن،


تايىنىپ كەلدىم مەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە، نىجاتىڭدىن تولۇپ تاشسۇن شادلىق قەلبىمگە.


ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا، تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا، ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.


- تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان.


قېنى، ئاراڭلاردا كىم پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارىغا بويسۇنىدۇ؟ زۇلمەتتە يۈرگەنلەر، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلىسۇن، خۇداغا تايانسۇن.


ئاڭلىسۇن دەپ پەرۋەردىگار، بار ئاۋازىمدا نالە-پەرياد قىلىمەن، پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا يېلىنىمەن.


بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر يىغا-زار قىلىپ قايغۇرىسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ. سىلەر بولساڭلار، قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ.


ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن، ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.


سىئون تېغى تەۋرەنمەي، مەڭگۈگە مەزمۇت تۇرار، سىئونغا ئوخشار، ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.


قۇتقۇز ئىگەم مېنى رەقىبلىرىمدىن، قوغدا مېنى ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن.


چىقىرامسىلەر ھەق قارار ھۆكۈمدارلار راستتىنلا؟ ئادىلمىدۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمىڭلا؟


ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ، شۇ چاغدا مەن ئاسسۇرلارغا غەزەپ ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىمەن.


سائۇل يول بويلىرىدا قوي قوتانلىرى بار يەرگە كەلگەندە، بىر غارنى كۆرۈپ، ھاجەت قىلغىلى كىردى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دەل شۇ غارنىڭ ئىچكىرىسىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغانىدى.


داۋۇت ئۇ يەردىن قېچىپ، ئادۇللام شەھىرىنىڭ يېنىدىكى غاردا پاناھلاندى. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ۋە ئاتا جەمەتىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، شۇ يەرگە يېتىپ كەلدى.


ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.


شۇنىڭ بىلەن داۋۇتمۇ غاردىن چىقتى ۋە سائۇلنىڭ ئارقىسىدىن: _ ھەي پادىشاھ ئالىيلىرى! _ دەپ سائۇلنى چاقىردى. سائۇل بۇرۇلۇپ، داۋۇتنىڭ يەرگە باش قويۇپ، ئۆزىگە تەزىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.


ئۇنىڭدىن ئۆتۈندۈم: «ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ھالاك قىلمىغىن! ئۇلار سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر، سەن ئۇلارنى ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قۇتقۇزدۇڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.


داۋۇتنىڭ ئادەملىرى: _ پەرۋەردىگار سىزگە: «دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل» دېگەنىدى، قاراڭ، مانا بۈگۈن شۇ پەيت كەلدى! _ دېدى داۋۇتقا. داۋۇت ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، سائۇلنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىدىن تۇيدۇرماي بىر پارچە كېسىۋالدى،


داۋۇت ئابىشايغا: _ ياق، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى بولما! پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزگەن كىشى گۇناھكار بولىدۇ.


ساڭا شۈكۈر ئېيتىمىز ئى خۇدا، شۈكۈر ئېيتىمىز، چۈنكى سەن يېقىنسەن بىزگە، بايان قىلىمىز كارامەتلىرىڭنى ھەمىشە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite