2 جاۋاب بەرگىن نەزەر سېلىپ بۇ ھالىمغا، يۈرىمەن قاقشاپ، پەرىشانمەن دائىما.
مەن خۇددى قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك نالە قىلدىم، خۇددى كەپتەردەك گۇڭۇلدىدىم. ئاسمانغا تىكىلىپ كۆزلىرىم تالدى، مەن مۈشكۈللۈكتە قالدىم، ئى پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزغايسەن!›
شۈبھىسىزكى، دۇئايىمنى ئاڭلىدى خۇدا، دۇئا قىلغىنىمدا قۇلاق سېلىپ تۇردى ماڭا.
ئاھۇزار چەكتىم ئى خۇدا، سېنى سېغىنىپ، يوقىتار بولدۇم ئۆزۈمنى، سېنى ياد ئېيتىپ. سېلاھ
قۇلاق سالغىن ئى خۇدا، ئاڭلا مېنىڭ ئاھىمنى، دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قوغدىغىن ھاياتىمنى.
بىز ھەممىمىز خۇددى ئېيىقتەك ھۆركىرەپ، كەپتەردەك بۇقۇلداپ، ئادالەتنى ئىستەيمىز، لېكىن ئېرىشەلمەيمىز، نىجاتلىقنى ئىستەيمىز، لېكىن ئۇ يىراقتىدۇر.
باشپاناھىم تۇرۇپ ئى خۇدا، تەرك ئېتىسەن مېنى نېمىشقا؟ نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟
بەللىرىم پۈكۈلدى قەددىم مۈكچىيىپ، كۈنبويى يۈرىمەن قايغۇغا پېتىپ.
ئىقرار بولماي گۇناھلىرىمغا، يۈردۈم كۈنبويى ئاھ ئۇرۇپ، چىرىدى ئۇستىخانلىرىم ئازابتا.
ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن ساڭا قىلغان دەۋايىمغا، ئېتىبار قىلغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، كۆڭۈل قويغىن چىن، سەمىمىي دۇئايىمغا.
ئاڭلىغايسەن ئىلتىجايىمنى، قۇلاق سېلىپ تىڭشىغايسەن نىدايىمنى.