6 ئېھ، سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى نىجاتلىق ئىسرائىللارغا! ياقۇپ ئەۋلادلىرى شادلىنار، ئىسرائىللار چۆمەر خۇشاللىققا، خۇدا ئاسارەتتىكى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقارغاندا.
ئىسرائىللارغا نىجاتلىق سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى! پەرۋەردىگار ھۆرلۈككە چىقارغىنىدا زۇلۇمدىكى خەلقىنى، شادلىنار ئىسرائىللار _ سۆيۈنەر ياقۇپ ئەۋلادى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن. يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ. پادىشاھ قەلئەسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ.
ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»
فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىلىدۇ؟ ‹پەرۋەردىگار سىئوننى مۇستەھكەم شەھەر قىلىپ قۇردى، ئۇنىڭ جاپاكەش خەلقى ئۇ يەردە پاناھلىق تاپىدۇ.›»
نەزىرىڭ تەگكەن زېمىنغا ئىلتىپات ئەيلەپ ئى ئىگەم، قايتا گۈللەپ-ياشناتقانىدىڭ يۇرتىنى ياقۇپنىڭ.
جامائەت ئۇ كۈنى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى قىلدى ھەمدە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. چۈنكى خۇدا ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغانىدى. ئاياللار ۋە بالىلارمۇ خۇشاللىققا چۆمدى. يېرۇسالېمدىكى شاد-خۇراملىقنى يىراق جايلاردىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.
مەن سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىم ئىسرائىللارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇ يەرلەردە ياشايدۇ. ئۇلار ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈم شارابلىرىنى ئىچىدۇ. باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىلىرىنى يەيدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنلەر كەلگەندە، مەن يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى قايتا گۈللەندۈرىمەن،
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ كەلگەندە، يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىكى خەلقلەر قايتىدىن مۇنداق دەيدۇ: ‹ئەي ھەققانىيەت ماكانى، ئەي مۇقەددەس تاغ، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي›.
خۇدانىڭ پارلاق نۇرى جۇلالىدى سىئوندىن، گۈزەللىكنىڭ كامالىتى بولغان ئاشۇ ماكاندىن.
ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇرۇنقى روناق تاپقان چاغلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق بايلىق ئاتا قىلدى.
ئۇلار ئېيتىش ئېيتىشىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى ۋە مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر! ئىسرائىلىيەگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» ئاندىن بارلىق خەلق ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇشتى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قويۇلۇپ بولغانىدى.
مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.
ئاراڭلاردىن ھايات قالغىنىڭلارنى دۈشمەن ئەللەردە ۋەھىمىگە سالىمەن، سىلەر غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىنمۇ دەھشەتكە چۈشىسىلەر. خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغاندەك قاچىسىلەر. ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىسىلەر.
قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.