Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 51:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بەرھەق، مېنىڭ ئىقرارىم بار قىلمىشىمغا، گۇناھلىرىم تۇرار دائىم كۆز ئالدىمدا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 51:3
12 Referans Kwoze  

ئالدىڭدا ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىمىز كۆپەيمەكتە، گۇناھلىرىمىز گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلماقتا، بىز ئاسىيلىق بىلەن بىرگىمىز. گۇناھلىرىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز:


روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.


ئىقرار قىلىپ گۇناھىمغا، پۇشايمان قىلدىم خاتالىقىمغا.


ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ


بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›»


چىرمىۋالدى ھەددى-ھېسابسىز كۈلپەتلەر مېنى، كور بولدۇم، گۇناھلىرىم توسۇۋالغاچ كۆز نۇرۇمنى. بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ بولغاچقا گۇناھلىرىم، تەرك ئەتتى جىسمىمدىن جاسارىتىمنى.


ئۇ خۇشاللىقىدىن كىشىلەر ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ: ‹مەن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولساممۇ، خۇدا مېنى گۇناھىمغا لايىق جازالىمىدى،


ئۇلار يات خەلقلەردىن ئايرىلىپ بولغانىدى. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۆزلىرى ۋە ئەجدادلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلارغا توۋا قىلىشتى.


رەھىمسىز دۈشمەنلىرىم قارغار مېنى: «تېزراق ئۆلۈپ ئۇ، ئۆچسۇن نامى.»


مەن سىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىمەن، گۇناھىڭلارنى ئېسىمدە تۇتمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite