Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 5:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئى پەرۋەردىگار، باشلىغىن مېنى ھەققانىيلىقىڭدا، چۈنكى پايلاپ يۈرەر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. روشەن قىلغىن ئۆز يولۇڭنى ئالدىمدا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 5:8
16 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار، ھەق يولۇڭنى ئۆگەت ماڭا، باشلا مېنى ھەققانىيەت يولۇڭغا، چۈنكى باردۇر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا.


پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەلپۈندۈم ساڭا، ھەق يولۇڭدىن ئېزىشقا يول قويما ماڭا.


پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئەگىشىپ ساڭا ھەق يولدا ياشاي. قاراتقىن ئۆزۈڭگىلا بۇ قەلبىمنى، چىن دىلىمدىن ساڭا ئىخلاس قىلاي.


ئالدىڭغا تىككىن كۆزلىرىڭنى، توغرا تاشلا ھەم نەزىرىڭنى.


مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە تولغاندۇر زېمىن، ئى پەرۋەردىگار، نىزاملىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكىن.


چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر تىلغا ئالغان كىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «باياۋاندا بىر كىشى: ˜دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!Œ دەپ توۋلايدۇ.»


ۋاپادار پەرۋەردىگار ماڭا كېلىپ ياردەم بېرەر، دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتەر.


ئى پەرۋەردىگار، تاپارمەن سەندىن پاناھ، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما، قۇتقۇز مېنى، ھەققانىيسەن دائىما.


سىلەرگە ئەگەشكەن «ئاقساق»لارنىڭ يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ماڭغان يولۇڭلار تۈز بولسۇن. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇلارنىڭ شىپا تېپىشىغا ياردەم بېرەلەيسىلەر.


بەرگەي ئۇ يامانغا يامانچە جازا، ھالاك قىلىپ دۈشمەننى ۋاپادار خۇدا.


_ ئەمما سەن بۇ ئىشنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ.


مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن ساڭا، ساداقىتىڭ، مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، سۆزۈڭ بىلەن نامىڭنى قىلدىڭ ھەممىدىن ئەلا.


دولقۇنلار ئورىدى مېنى، چوڭقۇرلۇق قورشىدى مېنى، دېڭىزدىكى ئوت-چۆپلەر چىرمىۋالدى بېشىمنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite