3 ئېھ پەرۋەردىگار، ئاڭلايسەن سەھەردە ئاۋازىمنى، تاڭ بىلەن تەڭ ئىلتىجا قىلىپ كۈتىمەن جاۋابىڭنى.
پەرياد قىلىمەن مەدەت تىلەپ سۈبھىدە، ئۈمىدىمنى باغلىغاچقا پەقەت سېنىڭ سۆزۈڭگە.
ئى پەرۋەردىگار، نالە قىلىمەن ساڭا، ھەر سەھەردە قىلىپ دۇئا.
ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى سۈزۈلمەستىنلا، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت بىر يەرگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.
سەھەرگە تەشنا بولغان كېچىلىك كۆزەتچىنىڭ زارىقىشىدەك كۈتمەكتىمەن ئىگەمنى قېتىدىن يۈرىكىمنىڭ.
پەرياد قىلسام تۆكۈپ دەردىمنى، خۇدا ئاڭلار ئاۋازىمنى، ئەتىگەن، چۈش ۋە ئاخشىمى.
ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن كېچە قەلبىم سېنى سېغىنىدۇ، تاڭ سەھەردە روھىم سېنى ئىزدەيدۇ، سەن يەر يۈزىگە سوراققا كەلگەندە، ئىنسانلار توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ئۆزۈڭ جاۋاب بەرگىن، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئەۋزەل ماڭا، مېھرى چەكسىز جامالىڭنى كۆرسەت خۇدا.
ئى رەببىم، بەرمىدىڭ ھېچبىر جاۋاب نالە قىلسام كۈنبويى، ئاھ ئۇرۇپ، ياردەم سوراپ تاپماسمەن ھېچبىر ئارام كېچىلىرى.
ئاشۇ رەزىللەرنىڭ دەستىدىن نامراتلارنىڭ نىدالىرى خۇداغا يېتىپ باردى. ئۇ موھتاجلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلايدۇ.
ياردىمىڭدە قوغلىۋېتىمىز دۈشمەنلىرىمىزنى، قۇدرىتىڭ بىلەن چەيلىۋېتىمىز بىزگە قارشىلارنى.
ئەزەلدىن بىزگە شاھ بولۇپ كەلگەنىدىڭ خۇدا، قازانغانتىڭ غەلىبىلەرنى بىز ئۈچۈن زېمىنىمىزدا.
نەقەدەر بەختلىك ئىبادەتخاناڭدا بولغانلار، توختىماستىن ساڭا ھەمدۇسانا ئوقۇۋاتقانلار. سېلاھ
ئۇلۇغلايمەن پادىشاھىم خۇدا سېنى، تەرىپلەيمەن تائەبەد نام-شەرىپىڭنى.
ئاڭلىغايسەن ئىلتىجايىمنى، قۇلاق سېلىپ تىڭشىغايسەن نىدايىمنى.