12 ئى پەرۋەردىگار، بەخت ئاتا قىلىسەن ھەققانىيلارغا، ساخاۋىتىڭنى قالقان قىلىپ، باشپاناھ بولىسەن ئۇلارغا.
بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.
دەرد-ئەلەملەر كېلەر يامانلارنىڭ بېشىغا، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى قۇچاق ئاچار ئۇنىڭغا تايانغانلارغا.
ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلسا ئەگەر، كىچىكىدىن-چوڭىغىچە بەرىكەت بېرەر.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشتىن سۆيۈنىدىغانلار.
ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن، ساقلايسەن كۈلپەتتىن مېنى، ياڭرار ئەتراپىمدا نىجاتلىق ناخشىلىرى. سېلاھ
پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرەت بېرەر ئۆز خەلقىگە، تولدۇرار ئۇلارنى تىنچ-ئامانلىق بەختىگە.
ئەمما، ئى پەرۋەردىگار قالقىنىمدۇرسەن، شان-شۆھرىتىم، قەددىمنى كۆتۈرگۈچىسەن.
ئى پەرۋەردىگار، سەندىن كېلەر نىجاتلىق، ئۆز خەلقىڭنى قىلغايسەن بەرىكەتلىك. سېلاھ
خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار. ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار، «مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى. ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.
ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا نىجاتلىق تەنتەنىسى ياڭرىماقتا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا.
ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن كۆرسىتىپ شەپقىتىڭنى، نامىڭنى سۆيگەنلەرگە كۆرسەتكەندەك مېھرىڭنى.