11 ئەمما سەندىن خۇرسەن بولسۇن پاناھىڭغا ئېرىشكەنلەر، ئۇلار دائىم شادلىنىپ، ياڭراتسۇن ناخشا-كۈيلەر. سەن ئالغايسەن ئۇلارنى قانىتىڭنىڭ ئاستىغا، شۇ ۋاقىتتا سېنىڭدىن شادلىنىدۇ سېنى سۆيگەنلەر.
خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
ھەققانىيلار تەنتەنە قىلىپ، خۇشال بولار، خۇدا ھۇزۇرىدا روھى ئۇرغۇپ، شادلىنار.
ساڭا تەلپۈنگۈچى بارلىق كىشىلەر، سەندىن خۇشال بولۇپ شادلانسۇن. نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەر دائىم: «پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن!
سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدانى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى دەل ھېچقانداق كۆز كۆرۈپ باقمىغان، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ھېچقانداق ئادەم ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر.»
«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.
ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا، تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا، ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.
خۇدا قۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلار. خۇدانى سۆيگەنلەر بۇ يەرلەردە ماكانلىشار.
ئېكىن كەبى ياراشقان قويلار توپى ئوتلاققا، زىرائەت ۋە مايسىلار تولۇپ كەتكەن جىلغىغا. شۇڭا ئۇلار ناخشا ئېيتار ياڭرىتىپ شادلىقتا.
گۇناھسىزلىقىمدىن خۇش بولىدىغانلار، چۇقان سالسۇن چۆمۈپ شادلىققا. «قۇلىنىڭ ئامانلىقىدىن سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن ئۇلار ھەر چاغدا.
يامانلارنى جازالىسا خۇدايىم ھەققانىيلار خۇش بولار، يامانلارنىڭ قېنىدا پۇتلىرىنى يۇيىدۇ ئۇلار.
ئۇ چاغدا سۈبھىدىكى يۇلتۇزلار ناخشا ئېيتىپ، ئەرشتىكى پۈتكۈل زاتلار خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.
ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭ شۇ تەرىقىدە يوقالغاي! دوستلىرىڭ كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك قۇدرەتكە تولغاي!» شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىن 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.