Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 49:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 مال-مۈلكىگە ئىشىنەر ئۇلار، بايلىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماختىنار.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 49:6
17 Referans Kwoze  

بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دانا كىشىلەر ئۆز دانالىقى ھەققىدە ماختانمىسۇن. كۈچلۈك ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققىدە ماختانمىسۇن. بايلار ئۆز بايلىقلىرى ھەققىدە ماختانمىسۇن.


«قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.»


شاگىرتلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولۇشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - بالىلىرىم، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە!


ئۇ يەنە ئۆز-ئۆزىگە: «ۋاي-ۋۇي، سەن نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم! كۆپ يىل يەتكۈدەك مال-مۈلكۈڭ بار. يەپ-ئىچىپ، تۇرمۇشۇڭنى خۇشال-خۇرام، راھەت ئۆتكۈزمەمسەن؟!» دەپتۇ.


ئۇلار ماختىنىپ: «بىز باي بولدۇق، ئۆزىمىزگە تايىنىپ باي بولدۇق، ھېچكىم بىزدىن خاتالىق ياكى گۇناھ تاپالمايدۇ» دەيدۇ.


كۆزۈڭ بايلىققا چۈشكەندە ئۇ يوقىلار، چۈنكى ئۇ بىردىنلا قانات چىقىرپ، بۈركۈتتەك ئۇچۇپ كېتەر.


يىقىلىپ چۈشەر مال-دۇنياسىغا تايانغانلار، ئەتىيازنىڭ بىخىدەك كۆكلەر ھەققانىيلار.


بايلارنىڭ مەزمۇت قورغىنىدۇر ئۆز بايلىقى. نامراتلارنىڭ ھالاكىتىدۇر ئۆز يوقسۇزلۇقى.


تايانما زومىگەرلىككە، ئۈمىد باغلىما بۇلاڭچىلىققا. ئەگەردە بايلىقىڭ ئاۋۇسا، كۆڭۈل بەرمە ئۇنىڭغا.


ھامون ئۇلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز بايلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدە پو ئاتتى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى قانداق ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئالىي ئەمەلدارلار بىلەن بەگلەردىن يۇقىرى قىلغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى.


بۇرمىلار ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى دائىما، خىياللىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشتۇر ماڭا.


جازاسىز قالارمۇ ئۇلار گۇناھى تۇرۇپمۇ شۇنچە؟! ئى خۇدا، ئۇلارنى گۇمران قىلغايسەن قەھرىڭدە.


قورقۇپ كەتمەس شۇم خەۋەر كەلسە ئۇلارغا، كۆڭلى توقتۇر ئۇلارنىڭ تايانغاچ پەرۋەردىگارغا.


ئىرادىسى مۇستەھكەمدۇر ئۇلارنىڭ، قورقمايدۇ ئەسلا، كۆرەر مەغلۇبىيىتىنى دۈشمەنلىرىنىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite