4 دىققىتىمنى بېرىپ مەن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە، لىرا چېلىپ شەرھى بېرەي ئۇنىڭ سىرلىق مەنىلىرىگە.
ھېكمەت بىلەن ئاچاي مەن ئاغزىمنى، بايان ئەيلەپ سىلەرگە ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارنى.
بۇنىڭ بىلەن، بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىر بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى تىلغا ئالىمەن.»
چۈشەنگىلى بولار بۇ پەند-نەسىھەتلەردىن ئەقلىيە سۆزلەرنى، تەمسىللەرنى، ئاقىللارنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە تېپىشماقلىرىنى.
بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «موئاب پادىشاھى بالاق مېنى ئاررامدىن ئېلىپ كەلدى، ئۇ مېنى شەرقىي تاغلاردىن تەكلىپ قىلدى. ئۇ ماڭا: ‹ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى قارغىغىن، ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇغىن!› دېدى.
مەن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە سۆزلەيمەن، يوشۇرۇن مەنىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق قىلىپ سۆزلەيمەن. ئۇ سىياقىمنى كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى سىلەر قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشكە پېتىندىڭلار؟
بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، يۈرەكلىك ھالدا خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز.
دېمەك، سىلەرنىڭ مەخپىي قىلغان سۆزلىرىڭلار ئوچۇق-ئاشكارا ئاڭلىنىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە خۇپىيانە پىچىرلاشقان گەپلىرىڭلارمۇ تۆت تامدىن ئۆتۈپ، خەلقىئالەمگە پۇر كېتىدۇ، - دېدى.
بۇ تۆت پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىدىن ئېشىپ، ياۋۇز، ھىيلىگەر بىر پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ.
شۇ چاغدا مەن: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۇلار مېنى «بۇ ئادەم پەقەت مەسەل سۆزلەۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، _ دېدىم.