8 ھۆكۈم سۈرمەكتە خۇدا بارچە خەلق ئۈستىدە، ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەختىدە.
شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، ئېيتىشسۇن ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر.»
ئاندىن، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ۋە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر.
شۇڭا، يۈرىكىمىز توق ھالدا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يېقىنلىشايلى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز.
ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، ھەيۋەت ئۇنىڭ يېپىنچىسى، ئورالغاندۇر ئۇلۇغۋارلىق، قۇدرەت ئۇنىڭ بەل پوتىسى. مەزمۇت قىلىنغان دۇنيا، تەۋرەنمەس ئۇ ئەسلا.
تەختىڭنىڭ ئۇلى بولسا ھەققانىيلىق، ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ۋە ساداقەتلىك ھۆكۈمرانلىقىڭنىڭ ھەمراھىدۇر.
چۈنكى، مېنى ئاقلىدىڭ سەن ھەق دەۋايىمدا، ئادالەتلىك سوتچى بولۇپ سەلتەنەتلىك ئورنۇڭدا.
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى.
ئۇ ھۆكۈم چىقىرار خۇداسىز خەلقلەرگە، باشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر يەر يۈزىدە، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تولدۇرار جەسەتلەرگە.
ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار، ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار.
ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، خۇشاللانسۇن بۇنىڭدىن ھەممە خەلقلەر، شادلانسۇن ھەتتا ئەڭ يىراقتىكى ئەللەر.
ئېيتىڭلار ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر، ئۇ سورار خەلقلەرنى ئادالەتتە. بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.»
ساڭا دوست بولالماس چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار، قانۇننى قالقان قىلار قىلغانلىرىدا ئەسكى ئىشلار.
ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، لايىقتۇر ئۇ كۆپتىن-كۆپ مەدھىيەلىنىشكە.
ھۆكۈمراندۇر سىئونغا پەرۋەردىگار، ئۇ بارلىق قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرەر.
پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.
ئىگىسىگە ئۆز ماللىرى ئارىسىدىن بېجىرىم ئەركەك مالنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ، ئەيىبى بار بولغان مالنى قۇربانلىق قىلغان ئالدامچىغا قارغىش تەگسۇن.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلۇغ پادىشاھتۇرمەن، پۈتكۈل ئەللەر نامىمدىن ئەيمىنىدۇ.»