6 كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا، كۈيلەڭلار پادىشاھىمىزنى ياڭرىتىپ ساز بىلەن ناخشا.
ئۇ ئوڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە: «ئەي ئاتام تەرىپىدىن بەختلىك قىلىنغانلار، كېلىڭلار! دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مىراس - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇڭلار!
خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار. ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار، «مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى. ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.
پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.
ئۇلۇغلايمەن پادىشاھىم خۇدا سېنى، تەرىپلەيمەن تائەبەد نام-شەرىپىڭنى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى ئەيسا» دەپ يېزىلغان بىر گۇناھ تاختىسىنى ئاستى.
خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.
بەرھەق، بىزنىڭ پادىشاھىمىز مەنسۇپتۇر پەرۋەردىگارغا، تەۋەدۇر ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا.
كېيىن داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە قاراپ: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى، ئاندىن پادىشاھقا تەزىم قىلدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.
مەريەم خۇدانى مەدھىيەلەپ، ئۇلارغا مۇنداق مۇناجات ئوقۇدى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.»
شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىللار ئالقىش ياڭرىتىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭ، چىلتار ۋە لىرا چېلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا كۆتۈرۈپ ماڭدى.