9 توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى، سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى. كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.
ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوراق ئېلىپ بارىدۇ، ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. ئۇلار قىلىچلىرىدىن ساپان سوقىدۇ، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان قايچا قىلىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، جەڭ ئاتلىرىڭلارنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىڭلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن.
زېمىنىڭ ئەمدى قەبىھ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمايدۇ، چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ. تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.
پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغى سىئوننى ھېچنېمە گۇمران قىلالمايدۇ. خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىدىغان بىلىم بىلەن تولدۇرۇلىدۇ.
كۈچلۈكلەرنىڭ يالىرى سۇنار، ئاجىزلار قۇدرەت كەمىرىنى باغلار.
يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋېتىپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.
سول قولۇڭدىكى يانى ۋە ئوڭ قولۇڭدىكى ئوقنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈرىمەن.
پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئۇلاردىن قورقما، مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋەت، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلا.
كۆرۈڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.
شۇنداق، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار پۈتكۈل زېمىننى ئۆزىنىڭ ئالدىن قىلغان قارارى بويىچە گۇمران قىلىۋېتىدۇ.