8 كۆرۈڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى، زېمىندا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىقلىرىنى.
كۆرۈڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.
قاراڭلار! پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ.
ئۇلار كونا خارابىلەرنى ئوڭشاپ، قاقاسلىشىپ كەتكەن جايلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇرۇندىن ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەرنى قايتا ياساپ چىقىدۇ.
ئۇ كېچە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلق ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. چۈنكى ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئائىلە يوق ئىدى.
پەرۋەردىگار بۇ پادىشاھلارنى جاھىل قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەھىم قىلماي تەلتۆكۈس يوقاتتى.
ھېچبىر سېھىرگەرلىك ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا كار قىلمايدۇ، ھەرقانداق قارغىشمۇ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلالمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىللار ھەققىدە سۆزلىشىپ: ‹قاراڭلار، خۇدانىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا!› دەيدۇ.
ئەمەلدارلار پىرئەۋنگە: _ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسىغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.
پەرۋەردىگارغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ جاينىڭ ئادەملىرىدىن قورقماڭلار. چۈنكى بىز ئۇلارنى چايناپ پۈركۈپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ پاناھى يوق، لېكىن پەرۋەردىگار بىزگە يار بولىدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، _ دېيىشتى.
_ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە سىلەردىنمۇ كۆپ لەشكەرلەرگە دۇچ كەلسەڭلار، ئۇلاردىن قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ.
ۋاپادار پەرۋەردىگار ماڭا كېلىپ ياردەم بېرەر، دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتەر.
بەختلىكتۇر ياقۇپنى تاللىغان خۇدانى مەدەتكارىم دەپ بىلگەنلەر، ئۈمىدىنى ئىگىسى پەرۋەردىگارغا باغلىغان ئادەملەر.
ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.
پۇختا ئۇرۇش پىلانى تۈزۈۋېرىڭلار، ئەمما ئۇ كارغا كەلمەيدۇ. بۇيرۇق چۈشۈرۈۋېرىڭلار، بىراق ئۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى خۇدا بىز بىلەن بىللىدۇر.