10 تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە، ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە.
پەرۋەردىگار ئىبرامغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتلىرىڭدىن ئايرىلىپ، يۇرتۇڭدىن چىقىپ كەتكىن. مەن ساڭا بىر يەرنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ يەرگە بارغىن.
مېنى دەپ ئۆيلىرى، قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇقراققا ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. پەرزەنتلىرىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:
ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن بىر ئاي قارىلىق تۇتۇشقا يول قويۇڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمرىڭلارغا ئېلىڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمگە بۇ دۇنيانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارىمايمىز. گەرچە بىز بۇرۇن مۇشۇ كۆزقاراش بىلەن ئەيسا مەسىھنى پەقەتلا بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان دەپ قارىغان بولساقمۇ، ئەمدى ئۇنداق دەپ قارىمايمىز.
- ماڭا ئەگەشكەنلەر مېنى ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىسى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرمىسە، مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس.
ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ساداقىتى ئېشىپ چۈشەر ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە پەرزەنتلىرىگە بولغان ساداقىتىدىن. ئەمەل قىلدى ئۇلار ئەمرلىرىڭگە، چىڭ تۇرۇپ كەلدى سېنىڭ ئەھدەڭدە.
بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.
لېكىن خوباب: _ مەن بارمايمەن، ئۆز يۇرتۇمغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا كېتەي، _ دەپ جاۋاب بەردى.