Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 45:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى، ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى، تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 45:1
23 Referans Kwoze  

بايان ئەيلەي ھېكمەتكە تولغان دۇردانىلارنى، چۈشەندۈرەي قەلبىمدىكى چوڭقۇر ئويلارنى.


سۆزلىرىم پاك قەلبىمدىن چىقىدۇ، ئېغىزىم سەمىمىيەتنى سۆزلەيدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆزلىدى، مېنىڭ تىلىمدىدۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى.


دانانىڭ قەلبىدىكى دانالىق ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقار، سۆزلىرى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولار.


چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن.


مەن سىلەرگە بىر مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي، بۇ ناخشا دوستۇمنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ھەققىدىدۇر: «دوستۇمنىڭ بار ئىدى ئۈزۈمزارلىقى، ئۇنىڭ يېرى مۇنبەت ئېدىرلىقتا ئىدى،


ئى خۇدا قۇتقۇزغىن مېنى، سۇ تۇمشۇقۇمغا يەتتى!


بىز ھەقىقەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ باقايلى. بىرلىكتە نېمىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى تونۇپ باقايلى.


بۇ، ئىنتايىن مۇھىم بىر سىردۇر. مەن بۇ سۆزلەرنى ئەيسا مەسىھ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتتىم.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى ئەيسا» دەپ يېزىلغان بىر گۇناھ تاختىسىنى ئاستى.


پادىشاھىم يانپاشلاپ ياتقىنىدا، خۇشبۇي بۇيۇملىرىم ھىدىنى چاچاتتى ئەتراپىدا.


دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _ تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.»


بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.


ئۇ ئوڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە: «ئەي ئاتام تەرىپىدىن بەختلىك قىلىنغانلار، كېلىڭلار! دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مىراس - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇڭلار!


ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ.


ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.


چاڭقىغان كېيىك تەشنا بولغاندەك ئېقىنلارغا، تەشنا بولدۇم ساڭا، ئى خۇدا!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite