6 ئىشەنچىم يوقتۇر ئۆز ئوقيايىمغا، شەمشىرىم ئېرىشتۈرەلمەس مېنى ئۇتۇققا.
لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.
بەزىلەر ئىشىنەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلىرى ئاتلىرىغا، ئەمما بىز ئىشىنىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا.
يەنە بۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن قۇتقۇزمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، بۇ ئۇرۇش پەرۋەردىگارنىڭ ئۇرۇشىدۇر. ئۇ سىلەرنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ.
مۇسا قولىنى كۆتۈرسە، ئىسرائىللار ئۈستۈن كېلەتتى. قولىنى چۈشۈرسە، ئامالەكلەر ئۈستۈن كېلەتتى.