5 ياردىمىڭدە قوغلىۋېتىمىز دۈشمەنلىرىمىزنى، قۇدرىتىڭ بىلەن چەيلىۋېتىمىز بىزگە قارشىلارنى.
خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن جەڭ قىلىمىز باتۇرلارچە، ئىگەم ئۆزى دەسسەپ چەيلەر دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە.
خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن كۈرەش قىلىمىز باتۇرلارچە، ئىگەم ئۆزى مەغلۇپ قىلار دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە.
مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.
يۈسۈپ تۇنجى تۇغۇلغان بۇقىدەك، ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزىدەك ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ يات ئەللەرنى مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسۈپ، تاكى زېمىننىڭ چېتىگىچە سۈرىدۇ. ئەفرايىمنىڭ تۈمەنلىگەن لەشكەرلىرى ۋە ماناسسەنىڭ مىڭلىغان جەڭچىلىرى ئۇنىڭ مۈڭگۈزىدۇر.»
ئۇلار جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردۇر. ئۇلار كوچىدىكى لاينى چەيلىگەندەك دۈشمەنلىرىنى چەيلەيدۇ. ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا ياردۇرمەن. ئۇلار دۈشمەن چەۋەندازلىرىنى نومۇسقا قويىدۇ.
مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال، جەنۇب تەرەپلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى ھەم ئۇلارنى ئۇنىڭدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمىدى. ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ، بارغانچە مەغرۇرلىشىپ كەتتى.
بېسىپ دەسسەيسەن يىلان ۋە شىرنى، چەيلەيسەن زەھەرلىك يىلان ۋە ئارسلاننى.
ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا ئېزىدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي.
پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پادىشاھ ئاخابقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئارراملارنى يوقاتمىغۇچە، بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۈسۈپ تۇرىسەن»، _ دېدى.
ئېھ پەرۋەردىگار، ئاڭلايسەن سەھەردە ئاۋازىمنى، تاڭ بىلەن تەڭ ئىلتىجا قىلىپ كۈتىمەن جاۋابىڭنى.
پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.