26 كەلگىن خۇدا، بەرگىن بىزگە ياردىمىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ئازاد قىلغىن بىزنى.
ئى خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزغىن ئىسرائىللارنى.
قالقانلىرىڭنى ئېلىپ قولۇڭغا، ياردەم قىلغىن كېلىپ يېنىمغا.
مەن بولسام يوقاتمىدىم دىيانىتىمنى، ئىلتىپات قىلىپ، قۇتقۇز مېنى.
قارا تۇپراق قوينىغا ئالماقچى مېنى، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى.