Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 44:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟ ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 44:21
12 Referans Kwoze  

مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.


مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟


ئادەمنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا، مەيلى ياخشى، ياكى يامان ئىشلىرى بولسۇن، ھەتتاكى يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرى بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىغا خۇدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.


خۇدا ماڭىدىغان يولۇمنى كۆزىتىپ، پۈتكۈل باسقان قەدەملىرىمنى سانىماسمۇ؟


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەر بويىچە، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ.


ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.


بولمىسا خۇدا ھېساب ئالغاندا قانداق قىلىمەن؟ سوراق قىلغاندا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite