زەبۇر 44:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 ئۆز قولۇڭ بىلەن زېمىنىدىن قوغلىۋېتىپ يات خەلقلەرنى، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى. قاتتىق ئازابلاپ يات خەلقلەرنى، روناق تاپقۇزدۇڭ ئەجدادلىرىمىزنى. Gade chapit la |
مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر جاي تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا بىخەتەر ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن سېنى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن تىنچ-ئامان ساقلايمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن.
گىدئون ئۇنىڭغا: _ تەقسىر، ئەگەر پەرۋەردىگار بىزگە يار بولغان بولسا، بىز نېمىشقا بۇنداق بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرايمىز؟ ئەجدادلىرىمىز بىزگە پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئاشۇ ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئەمدى نەگە كەتتى؟ پەرۋەردىگار بىزدىن ۋاز كېچىپ، بىزنى مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، _ دېدى.