2 باشپاناھىم تۇرۇپ ئى خۇدا، تەرك ئېتىسەن مېنى نېمىشقا؟ نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟
ئېيتارمەن قورام تېشىم خۇداغا: ئۇنتۇپ قالدىڭ نېچۈن مېنى؟ نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟
قۇدرىتىم ۋە قالقىنىمدۇر پەرۋەردىگار، ياردىمىگە ئېرىشتىم ئىشەنچ باغلاپ ئۇنىڭغا. شۇڭا مەن شادلىنىپ قەلبىمدىن، شۈكۈر ئېيتارمەن ئۇنىڭغا مۇناجىتىمدا.
ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.
ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.
پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىنى تەرك ئەتمەس، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنى تاشلاپ كەتمەس.
بىراق سەن ھازىر بىزنى تەرك ئېتىپ، قالدۇردۇڭ ئاھانەتكە، چىقمايسەن ھەتتا قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىرگە جەڭگە.
مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئۇلار مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: ‹پەقەت پەرۋەردىگارلا غەلىبە ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر.›» ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالىدۇ.
ئى رەببىم پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك نىجاتكارىمسەن، جەڭلەردە قالقان بولۇپ بېشىمنى قوغدىغانسەن.
رەببىم مېنى مەڭگۈگە تەرك ئېتەرمۇ؟ ئەمدى ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلماسمۇ؟
تاشلاپ كەتمىگىن مېنى قېرىپ ھالىم قالمىغاندا، تەرك ئەتمىگىن مېنى قۇۋۋىتىمدىن ئايرىلغاندا.
ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ.
پەرۋەردىگار قۇدرىتىم، مۇناجىتىمدۇر مېنىڭ، قۇتۇلدۇردى ئۇ مېنى. خۇدايىمدۇر ئۇ مېنىڭ، شۇڭا ماختايمەن ئۇنى، ئۇ ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدادۇر، ماختايمەن شۇڭا ئۇنى.
مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.
دۈشمەنلەرنىڭ تۇزاقلىرىدىن ساقلىغايسەن، چۈنكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن.
ئۆتتى جېنىمدىن دۈشمەنلىرىمنىڭ تاپا-تەنىلىرى، دائىم ماڭا: «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشلىرى.
ئېزىلىپ تاس قالغانتىم ئۆلۈشكە ياش چېغىمدىن، قىينىلىپ پېتىپ قالدىم ئۈمىدسىزلىككە دەھشىتىڭدىن.