6 ئى ئىلاھىم، غەم باستى كۆڭلۈمنى، شۇڭا ئەسلەيمەن سېنى، ئىئوردان زېمىنىدا، خەرمون ۋە مىزار تاغلىرىدا.
چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا، يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا.
تېنىمدىن چىقاي دېگەندە جېنىم، ئى پەرۋەردىگار، سېنى ياد ئەتتىم. يەتتى دۇئايىم ساڭا، سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا.
قۇربانلىق سۇپاڭغا بارىمەن شۇندا، بىردىنبىر شادلىقىم بولغان خۇدا ئالدىغا. چېلىپ لىرا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، مېنىڭ ئىلاھىم بولغان ئى خۇدا.
ئاھ خۇدايىم، خۇدايىم تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟ قۇتقۇزماستىن، نېچۈن يىراق تاشلاپ كەتتىڭ مېنى؟ ئاڭلىمايسەن نېچۈن مېنىڭ نالە-پەريادىمنى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. تاڭ ئاتقۇچە ھەممىسى دەريادىن ئۆتۈپ بولدى، بىرمۇ ئادەم قالمىدى.
سائەت ئۈچلەردە ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلى، ئېلى، لەما شەۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ ۋارقىرىدى.
ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، مۇمكىن بولسا بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.
مول شەبنەمگە ئوخشار ئىناقلىق، خەرمون تېغىدىكى شەبنەملەر چۈشكەن كەبى سىئونغا، بەرھەق، بەختنى _ مەڭگۈلۈك ھاياتنى، ئاتا قىلغانىدى پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا.
داۋۇت ماخانايىمغا يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناخاشنىڭ ئوغلى شوبى، لودىبارلىق ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگىلىمدا ئولتۇرۇشلۇق گىلئادلىق بارزىللايلار كۈتۈۋالدى.
ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.