Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 42:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 42:11
9 Referans Kwoze  

ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.


لېكىن بۇ شەھەرگە شىپالىق ۋە ساغلاملىق بېرىدىغان بىر ۋاقتىم كېلىدۇ. مەن خەلقىمنى داۋالايمەن ۋە ئۇلارغا زور تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىمەن.


گەرچە باشقىلار سىلەرنى ‹تاشلىۋېتىلگەن خەلق› دەپ ئاتاپ، ‹سىئون بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق› دېيىشسىمۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: مەن يارىلىرىڭلارنى ساقايتىپ، ساغلاملىقىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.»


ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى.


بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا: - ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملا تېۋىپقا موھتاجدۇر.


«قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دەپ، يات ئەللەر مازاق قىلسا بولامدۇ؟ قىرغىن قىلغان تۇرسا ئۇلار قۇللىرىڭنى، كۆرسەت بىزگە ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭنى.


سەن قەھر-غەزەپ قىلغاچ ماڭا، كۈل يېدىم قورسىقىمغا نان ئورنىغا. كۆز يېشىمسىز ئىچەلمەيمەن ئىچىملىكىمنى، بەرھەق، خۇدا ئەخلەت كەبى تاشلىدىڭ مېنى.


مەسخىرە قىلىشىپ بىزنى يات خەلقلەر، «قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دېيىشەر.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن. ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن. ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. يات ئەللەرنىڭ: ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite