1 چاڭقىغان كېيىك تەشنا بولغاندەك ئېقىنلارغا، تەشنا بولدۇم ساڭا، ئى خۇدا!
نەپسىمنى قىسار مېنىڭ تەقەززالىق، چۈنكى باردۇر ئەمرىڭگە ئىنتىزارلىق.
ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، لايىقتۇر ئۇ كۆپتىن-كۆپ مەدھىيەلىنىشكە.
كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.
نەزىرىڭ تەگكەن زېمىنغا ئىلتىپات ئەيلەپ ئى ئىگەم، قايتا گۈللەپ-ياشناتقانىدىڭ يۇرتىنى ياقۇپنىڭ.
گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى، ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى، تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى.
ئەي بارچە خەلقلەر، چېلىپ چاۋاكلار، خۇداغا ئاتاپ ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار.
ئى خۇدا، قەدىمكى زاماندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا، سەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئىشلىرىڭنى ئاڭلىغانىدۇق بىز ئۆز قۇلىقىمىزدا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېيتىپ بەرگەنىدى بۇنى.
ئەي جاھان ئەھلى قۇلاق سېلىڭلار، ئەي خەلقلەر ياخشى ئاڭلاڭلار.
كوراھنىڭ شېرىكلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى بىراقلا يالماپ كەتتى.
لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، قوھاتنىڭ نەۋرىسى، يىزھارنىڭ ئوغلى بولغان كوراھ رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ھەم ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئونلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ،
لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي يوقىتالمىغانىدى.
كوراھتىن ئاسسىر، ئەلقانا، ئەبىئاساف ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار كوراھ جەمەتىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بولدى.
قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى: قوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر،
مۇقەددەس تاغلار ئارا خۇدا قۇرغان شەھەر تۇرار.
ئى پەرۋەردىگار، نىجاتكارىم خۇدا، كېچە-كۈندۈز مەن ساڭا قىلدىم نىدا.